ئامېرىكا ۋە ياپونىيە خىتايغا يېقىن ئىستراتېگىيەلىك ئاراللارغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان
2024.10.10
ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە باشلىقلىرى خىتايغا يېقىن غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاراللار زەنجىرىدە ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
ئامېرىكانىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلىرى» تورىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن سەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شەرقىي خىتاي دېڭىزى بىلەن فىلىپپىن دېڭىزى ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇب ئارىلىدا ئىككى تەرەپلىك ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى كېڭەيتىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.
بۇ ئاراللار يەنى رىيۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى ياپونىيەدىن تەيۋەن ۋە فىلىپپىنغا تۇتىشىدىغان ئاراللار زەنجىرى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ، مۇھىم مۇداپىئە سىستېمىسى بولۇپ كەلمەكتىكەن.
ئامېرىكا ئارمىيەسى 1960-يىلىدىكى ئامېرىكا-ياپونىيە ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىگە ئاساسەن ياپونىيەگە 54 مىڭ ھەربىي خادىم ئورۇنلاشتۇرغان. غەربىي جەنۇب تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتى ياپونىيەدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىكەن. ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇب ۋىلايىتىدە يەنە ئامېرىكانىڭ كادېنا ھاۋا ئارمىيە بازىسى جايلاشقان.