13-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ئىچىدىكى ئۇيغۇر «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى» نىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىرقانچە سەزگۈر «قانۇن» لىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا تارقىتىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» دىكى ۋەكىللەر قۇرۇلتايغا 8 تەكلىپ لايىھەسى ۋە 148 پىكىر سۇنغان. ئۇلار سۇنغان تەكلىپ لايىھەلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملىك تىل (پۇتۇڭخۇا) قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنى» بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاتارلىقلار چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملىك تىلى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تۇنجى بولۇپ ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرىدا «دۆلەت تىلى مەكتىپى» يەنى، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى مەكتىپىنى قۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن قۇربان نىياز قاتارلىق ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئۇ تەكلىپىدە «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىق تىلى قانۇنى› 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يولغا قويۇلدى، قانۇننى دەۋر بىلەن تەڭ ئۆزگەرتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل قانۇنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك،» دېگەن.
خەۋەردە «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملىك تىلى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورلۇققا باغلاپ جازالاش، مۇتلەق قامالنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يوقىتىپ ئاتالمىش «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتايچىنى يەنىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش مەقسەت قىلىنغان ھەر خىل سىياسەتلىرىنى بېيجىڭدىكى ئىككى قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ۋەكىل» لەرنىڭ ئېغىزى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئالدىنقى كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك 5-يىغىنىدا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللانىڭ ئېغىزى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەش قاتارلىق تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.