ئۇيغۇر رايونىدىكى يەسلىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى سىناق قىلىنماقتىكەن
2022.05.04
ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ياكى ئائىلىۋى تەربىيە مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى كىملىك ئېڭىدىن ۋە ئېتىقاد تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆپلىگەن يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولماقتا ئىكەن.
3-ماي كۈنى «شىنخۇا تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدىيودا، نىگارە ئىسىملىك بىر يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يەسلىدىكى بالىلارغا قاتناش قائىدىلىرىنى تەقلىدىي ئويۇنلار بىلەن ئۆگەتكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، ۋىدىيودىكى كۆرۈنۈشلەردىن يەسلى بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى قويۇق خىتايچە ئالاھىدىلىك كۆزگە چېلىقىدۇ.
قومۇل شەھەرلىك 11-يەسلىدە ئېلىنغان بۇ ۋىدىيودا يەسلىدە ئارىلىشىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بىلەن خىتاي بالىلىرىنىڭ يېتىپ-قوپۇش، يەپ-ئىچىش ۋە ئويناشتا بىللە ئىكەنلىكى، ئۆز ئارا پاراڭلىرىنىڭ تامامەن خىتايچە ئىكەنلىكى، بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ، ئىجىل-ئىناق ياشايدىغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغاندا، كەڭ-كۆلەملىك، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، چېن چۈەنگو ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن ئايرىۋېتىش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن، ئائىلىۋى مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى خىتاي ئېڭى بويىچە تەربىيەلەش ئىكەن ۋە بۇنىڭ تۇنجى قەدىمى يەسلىدىن باشلىنىدىكەن.