خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش» نى تەلەپ قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.14

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش» ھەققىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىدېئولوگىيەلىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەڭرىتاغ تورى ۋە ئاقسۇ ئاخبارات تورى قاتارلىقلاردا بۇ ھەقتە تارقىتىلغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى مەخسۇس ھەرقايسى جايلاردا «جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشنى، جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قەتئىي ۋارىسلىق قىلىشنى» تەلەپ قىلىشقان.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 5  ئاينىڭ 8  كۈنى 6  قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغان. يىغىندا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى مېڭىگە، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»، «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن ئۇقۇملارنى بازارغا سېلوپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخى، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىش روھىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭخۇا مىللىي كىملىكىنى تىكلىمەكتە شۇنىڭدەك ئەمەلىيەتتە خىتاي مەدەنىيىتىنى، خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىپ كەلمەكتىكەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ، 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا قاماشنى باشلىغاندىن بېرى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ چاغان بايرىمى، پانۇس بايرىمى دېگەندەك بايراملىرىنىڭ داغدۇغا بىلەن تەبرىكلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا پانۇس ۋە مەسنەۋى تارقىتىپ بېرىلىشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە خىتايچە پاسوندا كىيىندۈرۈلۈپ جىڭجۈگە ئويناشقا، خىتاينىڭ كلاسسىك تىياتىرلىرىنى ئويناش، كلاسسىك شېئىرلىرىنى يادلاشقا سېلىنىشى بىلەن روشەن ئىپادىلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر «جۇڭخۇئانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشنى» تەكىتلەش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق ئېلېمېنتلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.