ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسىدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن خىتايچە سالاملىشىش كېرەكلىكى تەشۋىق قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.13

يېقىندا فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، خىتايدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقانلىقى، قامالنىڭ نىسبەتەن بوشىتىلغانلىقى، ئەمما ۋىرۇستىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ۋىدىيولار تارقالماقتا.

بۇ ھەقتىكى ۋىدىيولاردىن بىرىدە، ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى ئاقتۇ كەنتىگە ئائىت بىر تەشۋىقات كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىر ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدىسى بويىچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەي، يىراقتىن ئىككى قولىنى جۈپلەپ، ياكى بىر قولىنى ئالقىنىغا تىرەپ خىتايچە سالاملىشىش كېرەكلىكى تەشۋىق قىلىنغان ؛ ۋىدىيودا بىر ئۇيغۇر كىشى بىر خىتاينىڭ ئالدىغا كېلىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى سۇنىدۇ، خىتاي دەرھال توختاپ: «ھازىر بۇنداق كۆرۈشمەيمىز، مۇنداق كۆرۈشىمىز» دەپ ئىككى قولىنى جۈپلەپ، خىتايچە سالاملىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئۆگەنگەن كىشى باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ خىتايچە سالاملىشىشنى ئۆگىتىدۇ. ۋىدىيودا بۇلار «يۇقۇمدىن ساقلىنىشنىڭ ئۆزى ساغلاملىق تارقىتىش» دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ 2017-يىل 6-ئاي ۋە 8-ئايدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسىدا مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، دىنىي زاتلارنىڭ ئاساسەن سولانغانلىقى ۋە ئامما ئوتتۇرىسىدا سازايى قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندە، مەزكۇر جايدا مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ قالمىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.