خىتاي ش ھ ت يىغىنىدا «تېررورلۇق تەھدىتى» نى كۆتۈرۈپ چىققان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.04.24

خىتاي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان يىغىنىدا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، دەپ تەكىتلىگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېيفېڭ خې شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، «تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش نۆۋەتتە بىز مۇزاكىرە ئەڭ قىلىدىغان ئەڭ جىددىي مەسىلە» دەپ كۆرسەتكەن.

نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا قوشنا ئەللەرنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «خىتاي بۇ يىغىندا تېررورلۇق مەسىلىسىنى مەركىزى نۇقتا قىلىش ئارقىلىق، ئۆز دۆلەت ئىچىدىكى بولۇپمۇ تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان شىنجاڭ رايونىدىكى ناھايىتى ئاجىز بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە تېررورلۇق ماركىسى چاپلاپ تۇرۇپ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلماقتا» دەپ يازغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى چەتئەللەردىكى ئىسلام قوراللىق كۈچلىرىگە باغلاپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارىشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ھېچقانداق دەلىل ئىسپات كۆرسەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەرنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرمەكتە» دەپ تەنقىد قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.