نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى: «ھەقىقىي خىرىس: خىتاينىڭ يىقىلىشى پەيدا قىلىدىغان رىقابەتنى قانداق باشقۇرۇشتۇر»

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى برەت ستېفانس مەزكۇر گېزىتنىڭ 29‏-نويابىردىكى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يىقىلىشىنىڭ ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى، خىتايدىن كېلىدىغان ھەقىقى خىرىس ئۇنىڭ يىقىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

برەت ستېفانسنىڭ قارىشىچە، خىتاي قارىماققا كۈچلىنىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يىقىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەن. ئۇ «خىتايدىن كېلىدىغان ھەقىقى خىرىس: ئۇنىڭ يىقىلىشى پەيدا قىلىدىغان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ئەگەر خىتاي كىشىلەر ئويلىغاندەك كۈچلىنىۋاتقان دۆلەت بولغان بولسا، ئۇنىڭ پۇقرالىرى ھەرگىز مەبلىغىنى چەتئەلگە يۆتكەشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، خىتاي پۇلدارلىرىنىڭ 46% نىڭ ئامېرىكىدەك دۆلەتلەرگە كۆچۈپ بېرىشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ خىتاينى ئىقتىسادى كۈچلىنىۋاتقان دۆلەتتەك ھېس قىلىپ قېلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئۇنىڭ دۇنياغا ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچىنى يالغان مەلۇم قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلىرىنى 34 تىرىليون دوللار قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقى، ئۇ ئۆزىنىڭ 2017‏-يىلدىكى ئىقتىسادى ئۆسۈش سۈرئىتىنى 6.9پىرسەنت، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئىستاتېستىكىسىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقلۇقى، ئۇنىڭ پەقەت تەشۋىقات ئۈچۈن ياساپ چىقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

برەت ستېفانسنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يىقىلىشىغا قانداق تەييارلىق قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن. ئۇ: «ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر دائىم خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان رىقابەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىپ كەلدى. 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى بوينوس-ئايرېستا باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار خىتاينىڭ يىقىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان رىقابەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇشى كېرەك» دېگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىدەك بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشىغا ھېچكىم ۋەدە قىلالمايدىكەن. ئەمما ئۇ، «يارىلانغان بىر يولۋاسنىڭ ئاسانلىقچە بولدى قىلىشى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.