ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خوڭكوڭ «دېموكراتىيە قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 16‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋاز بېرىپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن خوڭكوڭدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە، «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە قانۇن لايىھىسى» كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، پرېزىدېنت ئىمزا قويغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قانۇن لايىھىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى دوكلات تەييارلاپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى تەمىن ئەتمىسە، خوڭكوڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئورنى بىكار قىلىنىدىكەن.

دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى بېن راي لۇجان چارشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، «ئاۋام پالاتاسى خوڭكوڭ خەلقىگە، › بىز دېموكراتىيە ۋە ئادالەت ئۈچۈن بىرگە كۈرىشىمىز‹ دېگەن كۈچلۈك سىگنال بەردى» دېگەن.

بۇ يىل 6‏-ئايدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 25‏-سېنتەبىر كۈنى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ، ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى بۇ يىل ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغان خىتايغا ئالاقىدار بىرقانچە مۇھىم قانۇن لايىھەلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا «2019‏-ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا سۇنۇلغان نۇسخىسى يېقىندا ماقۇللانغان. ئەمما ئۇنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا سۇنۇلغان نۇسخىسى ھازىرغا قەدەر ئاۋازغا قويۇلمىغان ئىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇئاڭ ئامېرىكانىڭ «قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنى توختىتىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭ قانۇن لايىھەسىگە قارشى «كۈچلۈك تەدبىر» ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.