ئامېرىكا خوڭكوڭغا قاراتقان بارلىق ئىمتىيازلارنى بىكار قىلدى
2020.07.01
29-ئىيۇن خىتاي كومپارتىيەسى خوڭكوڭ ھەققىدە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان ئالاھىدە سىياسىتىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 1-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بۇندىن كېيىن خوڭكوڭغا قورال-ياراق ئېكسپورت قىلىشنىمۇ چەكلەيدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا قورال-ياراقتىن باشقا يەنە سەزگۈر تېخنىكالارنىمۇ خوڭكوڭغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خوڭكوڭ ھەققىدىكى باياناتىدا بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدىكى قارارلىرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقى، خوڭكوڭغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان بۇيۇملارنىڭ خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ بىر ئەمەلدارى خوڭكوڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان كامېرا، ئېلېكترونلۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە مىكرو ئېلېكترونلۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز، خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك،» دېگەن.