خوڭكوڭ خەلقى 1-ئىيۇل خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 19 يىللىق خاتىرە كۈنى نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. نامايىشچىلار بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چېگرا ئاتلاپ ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىگە قارشى يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە، خوڭكوڭ ۋالىسى لياڭ جېنيىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
خوڭكوڭ ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى خۇ شيۇلەن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ چېگرا ئاتلاپ ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، «نامەلۇم كۈچلەرنىڭ خەلقنى تەقىب قىلىشى، خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن زور تەھدىت» دېگەن.
خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئۆتكەن يىلى چېگرا ئاتلاپ، خوڭكوڭ «توڭلىۋەن كىتابخانىسى» نىڭ 5 نەپەر خادىمىنى تۇتقۇن قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خوڭكوڭ ۋە خەلقئارادا خوڭكوڭ ئەدلىيە مۇستەقىللىقى، خىتاينىڭ «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» ۋەدىسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق، دەپ قارالغان.
خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئۆتكەن يىلى چېگرا ئاتلاپ تۇتۇپ كېتىپ، 8 ئاي سولاپ قويغان كىتابچىلارنىڭ بىرى لى روڭجى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن 1-ئىيۇل نامايىشىغا قاتناشمىغان. ئۇ ئىلگىرى نامايىشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى لاۋ شەنچىڭ، «لى روڭجى جىددىي تەھدىتكە ئۇچرىدى ۋە نامايىشقا قاتناشماسلىققا مەجبۇر بولدى» دېگەن.
لى روڭجى خىتايدا 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇپ يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ خوڭكوڭغا قايتىپ كېلىپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز گۆرۈگە تۇتقانلىقىنى ۋە ئۆزىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.