خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مۇستەقىللىق پارتىيەسىگە «تەدبىر قوللىنىمىز» دەپ تەھدىت سالدى

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى يېڭى قۇرۇلغان مۇستەقىللىق پارتىيەسى - خوڭكوڭ مىللىي پارتىيەسىگە «تەدبىر قوللىنىمىز» دەپ تەھدىت سالغان ھەم ئۇ پارتىيەنى تىزىمغا ئېلىشنى رەت قىلغان. خوڭكوڭ مىللىي پارتىيەسى 50 تەك خوڭكوڭلۇق ستۇدېنت ۋە ياش كەسپىي خادىملار تەرىپىدىن دۈشەنبە كۈنى قۇرۇلغان ئىدى.

ئۇ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي نىشانى، دەپ جاكارلىغان. ئەمما خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر پارتىيەنى ئەيىبلەپ، مۇستەقىللىق خوڭكوڭ تۈپ قانۇنىغا خىلاپ، خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دېگەن.

ئۇ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، «خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون مەمۇرىيىتى قانۇنلارغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما خوڭكوڭ مىللىي پارتىيەسى پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ دائىرىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، «خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلساق جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، دېيىش بىمەنىلىك» دەپ تەكىتلىگەن.

مەزكۇر پارتىيە باياناتىدا يەنە، ھەرقانداق كىشى پەقەت مۇستەقىللىقنى تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلسا، «ئاساسىي قانۇن كرىزىسى ۋە سىياسىي كرىزىسى يۈز بەرگەنلىك بولىدۇ» دېگەن.

لېكىن خىتاي دۆلەت كابىنېتى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ مىللىي پارتىيەنى تىزىمغا ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى قوللىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ خوڭكوڭ-ئاۋمېن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى مۇستەقىللىق چاقىرىقىغا «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى «توغرا» دېگەن.

خوڭكوڭ مىللىي پارتىيەسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ پارتىيە ئۆزىنى بىر شىركەت نامىدا تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان، ئەمما خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى رەت قىلغان.