خوڭكوڭ دائىرىلىرى خوڭكوڭدىكى مۇستەقىلچى سىياسىي پارتىيەنى چەكلەشكە كىرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان يەرلىك سىياسىي پارتىيە-خوڭكوڭ مىللىي پارتىيەسىنى چەكلەشكە كىرىشكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىكى خوڭكوڭنىڭ 1997-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم بىر سىياسىي پارتىيەنى چەكلىشى ئىكەن. خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ قارارى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىلچى بىر سىياسىي پارتىيەنى چەكلەش پىلانى يىغىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە، دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر پارتىيەنىڭ چەكلىنىشى خىتاينىڭ ھېچقانداق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ئامانلىق ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ مىللىي پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى چېن خاۋتيەنگە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ 21 كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىگە يازما چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭ ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون لى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر پارتىيەنىڭ جاۋابىغا قاراپ قارار بېرىدىغانلىقى، خوڭكوڭدا يىغىلىش ئەركىنلىكى بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ چېكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ مىللىي پارتىيەسى 2016‏-يىلى 3‏-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە ئۆزىنىڭ نىشانى خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېموكراتىك، ئەركىن خوڭكوڭ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر پارتىيەنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت سەيشەنبە كۈنى رادىيومىزدا خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغاندەك خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىدىمۇ تۇرمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھېچقانداق خەلقئارا كېلىشىمگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا، ئۇنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت