خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار ئارىسىدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئەۋەتىلگەن «جىدەلچىلەر» بايقالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.10.13

خوڭكوڭ نامايىشچىلىرى بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقىنىڭ دىئالوگى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى قايتىدىن ئەۋجىگە چىققان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خوڭكوڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا نۆۋەتتە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارغا ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن كېلىۋاتقان ياشلار كۆپەيگەن.

ۋەھالەنكى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قالايمىقان قىلىش، نامايىشنىڭ خاراكتېرىنى بۇراش مەقسىتىدە پەيدا بولغان بىر ئوچۇم «جىدەلچىلەر» مۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

ئۇلار «نامايىشچى» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا جېدەل تېرىشقا، يوق ئىشلارنى باھانە قىلىپ نامايىشچىلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان. يەنە بىر قىسىم خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇلار «جۇڭگوسىز خوڭكوڭ بىر كۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ»، «بىز سىلەرگە يەتكۈدەك دېموكراتىيە بەردۇق» دېگەندەك سۆزلەرنى تارقاتقان.

خوڭكوڭ ساقچىلىرى پەقەتلا بېيجىڭ ئورتاق تىلىدا سۆزلەيدىغان «جىدەلچىلەر» دىن بىرقانچىنى تۇتقان. خوڭكوڭدىكى نامايىش تەشكىللىگۈچىلەر نامايىش تەرتىپىنى ساقلاش ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن «جىدەلچىلەر» نىڭ ئارىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نامايىشچىلارنىڭ پەقەتلا گۋاڭدۇڭ تىلىدا سۆزلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.