«شىنجاڭ گېزىتى» خىتايچە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتى «گۇاڭدۇڭ سودا-تىجارىتى» مۇلازىمەت تورىنى باشقۇرۇۋاتقان خۇا خاۋ مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
كېلىشىم بويىچە، «گۇڭدۇڭ سودا-تىجارىتى» مۇلازىمەت تورى خوتەن قاشتېشى ۋە خوتەن چىلىنىنى تونۇشتۇرۇپ سېتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، خوتەن ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خوتەنگە مەبلەغ چاقىرىش ساھەلىرىدىمۇ خوتەن ۋىلايىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن. ئىككى تەرەپ يەنە خوتەننىڭ ئەۋزەل تەبىئىي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ «خوتەن كۇئېنلۇن ساياھەتچىلىكى»، «خوتەن مېۋىلىرى مول-ھوسۇل پەسلى» تېمىسىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
خۇا خاۋ مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ دىرېكتورى لۇ شياۋخۇڭ ئۆزىدىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكى ۋە شىركەتنىڭ كوللېكتىپ كۈچىدىن پايدىلىنىپ خوتەننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇش، خېرىدار چاقىرىش ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، خوتەننىڭ ئەلا مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا ۋە خەلقئاراغا تونۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «گۇڭدۇڭ سودا-تىجارىتى» تورى ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىدىغان، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە رەقەملىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان، مەھسۇلات بىلەن بازارنى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان سودا مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالتاي قاتارلىق كۆپلىگەن جايلار بىلەن سودا ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزۈپ، خېرىدار چاقىرىش ۋە بازار ئېچىش ساھەسىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، «گۇڭدۇڭ سودا-تىجارىتى» مۇلازىمەت سۇپىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كارخانىچىلىرى ۋە سودىگەرلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلىپ قىلىشنى كۆزلەيدىغان تەشۋىقات كۆزنىكى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ بايلىق توپلاشقا، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ ئۇ رايوندىكى خەلقكە تەۋە بولغان تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىشقا ماسلىشىش رولىنى ئوينايدىكەن.