خوتەن ۋىلايىتى مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتايچە ئۆگىنىش ھەرىكىتى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-12
Share

خوتەن ۋىلايىتى «مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش» دەيدىغان نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەمدىلىكتە ۋىلايەت تەۋەسىدە خىتايچە سۆزلەش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى قوزغاشنى قارار قىلغان.

«خوتەن گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ ھەرىكەتكە يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىلاپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ۋە ئاممىنى قەسەم بېرىش يىغىنلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇپ خىتاي كومپارتىيىسىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشتە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان خوتەن ۋالىيسى ئېزىز مۇسا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

10-سېنتەبىر كۈنى ئۇ ۋىلايەتتە «دۆلەت تىلى قۇرۇلۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش يىغىنى» ئېچىپ، «دۆلەت تىلى» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاي تىلىنى بىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشنىڭ كاپالىتى، دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىندا چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، بۇندىن كېيىن ھەرقايسى ناھىيىلەر چوقۇم بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، چوقۇم ھەربىر ئاز سانلىق مىللەت كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ چوقۇم MHK خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇپ، لاياقەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، يېزا كادىرلىرى ۋە دېھقان-چارۋىچى ئاممىنى بولسا دۆلەت تىل-يېزىق سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

يىغىندا، بولۇپمۇ ناھىيە تەۋەسىدىكى 45 ياشتىن تۆۋەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ خىتاي تىلى ئوقۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ ئىككىنچى ئا دەرىجىلىك سەۋىيىسىگە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككىنچى ب دەرىجىلىك سەۋىيىگە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.

تېخى يېقىندا، ئۇيغۇر رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1‏-يىللىقلىرىغا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قارار قىلىپ، ئانا تىلدا دەرس ئاڭلاش، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇشقا خاتىمە بەرگەن ئىدى. خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشى» مۇ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت