خىتاي ساقچىلىرى ئەقىللىق تېلېفونلار ئارقىلىق يۈز بەرگەن نامايىشلارنى توختىتىشقا ئۇرۇنماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.01

ئۈرۈمچىدە 24- نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يۇقۇم قامالى سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، لەنجۇ قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەردە خىتايلارنىڭ يۇقۇم قامال تەدبىرلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلىشىغا ئوت پىلتىسى بولۇپ بەرگەنىدى. بۇ نامايىشلاردا ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭغا قارشى شوئارلار توۋلانغان.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق نامايىشلارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ساقچى ۋە ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆرۈنۈشلەردە نامايىش يۈز بەرگەن شەھەرلەردىكى كوچىلارنى ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ چارلاۋاتقانلىقى، نۇرغۇنلىغان فورمىلىق ساقچىلارنىڭ كوچا – كويلاردا بوي كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئائىت يەنە بىر كۆرۈنۈشتە بولسا ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئاھالىلەر رايونلىرىدا ياڭراتقۇ ئارقىلىق «ئاھالىلەرنى ئۆيدىن چىقماسلىققا، قالايمىقانچىلىق چىقارماسلىققا، ئەكسى تەقدىردە ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى كۆرۈلگەن.

گېرمانىيە ئاۋازى ۋە ب ب س قاتارلىق خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتاي دائىرىلىرى ئەقىللىق تېلېفونلار ئارقىلىق نامايىشچىلارنى قورقۇتۇپ ئۇلارنىڭ قايتا يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتىكەن. بېيجىڭ، شاڭخەيدىكى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ بۇ خەۋەر ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلىشىچە، ساقچىلار ھازىر كوچىلاردا خالىغان كىشىنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرۈپ تېلېفونلىرىدىكى تىۋىتتېر، تېلېگرام قاتارلىق ئالاقە ئەپلىرىنى ئۆچۈرمەكتىكەن. بۇنداق ۋەقە ئىككى كۈن ئاۋۋال شاڭخەي يەر ئاستى پويىزىدا يۈز بەرگەن. ساقچىلار يولۇچىلارنىڭ يانفونلىرىنى بىرمۇ – بىر تەكشۈرگەن. بىر قىسىم كىشىلەر ساقچىخانىلارغا چاقىرتىلغان. يەنە بەزىلەر ساقچىلاردىن تەھدىت تېلېفونلىرى تاپشۇرۇۋالغان. ساقچىلار ھەتتا نامايىشچىلارنىڭ يانفونلىرىنى مۇسادىرە قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئەقىللىق تېلېفونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇننى بەلگىلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق مەلۇم كىشىنىڭ نامايىش يۈز بەرگەن سائەتتە قەيەردىلىكىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن ئۇنى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللار بىلەن تەھدىت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنكەن. ئامېرىكادىكى گوردون چاڭ قاتارلىق خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرى تىۋىتتېردىكى ئىنكاسلىرىدا يۇقىرىدا دېيىلگەن تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2014- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقلىي تېلىفونلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىپ، ئۇلار ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇر يىغىپ ئاندىن ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ئەمدى خىتايلارنىڭمۇ بېشىغا كەلدى» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.