ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنتلار بىرلەشمىسى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلدى
2025.01.31
1-ئاينىڭ 30-كۈنى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋايا تاكېشى (Iwaya Takeshi) ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنتلار بىرلەشمىسى ئەزالىرىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان.
30-يانۋار كۈنى، بۇ ھەقتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋايا تاكېشى ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى فۇرۇيا كېيجى (Furuya Keiji)، مۇئاۋىن رەئىسى ياماتانى ئېرىكو (Yamatani Eriko)، باش كاتىپ ئېتو سېيچى(Eto Seiichi) قاتارلىقلارنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان. بىرلەشمە ۋەكىللىرى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋايا تاكېشىغا «تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا جىددىي تەلەپ» نى سۇنغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى، جۈملىدىن تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. ئىۋايا تاكېشى ئەپەندى ياپونىيەنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشتا چوقۇم تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى، يەتكۈزۈلگەن ئارزۇ-تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 48 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى يېقىندىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ 31-يانۋار بۇ ھەقتە تايلاند ھۆكۈمىتىگە بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندتا مەھكۇملۇقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ۋە تۇتقۇنلۇقتىن ئازاد قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.