تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىدىكى قازاق مۇزىكانت ئايال ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇپ خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپى ئاستىدا قالغان ئۈرۈمچىدىكى بىر قازاق مۇزىكانت ئايال، ئۇيغۇر ئىلىدە تۇرۇپ خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدەك خىتاينىڭ «مۇتلەق ساقچى سىستېمىسى» دىكى بىر رايوندا تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئ‍ۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ساقلاپ قېلىشنى چاقىرىق قىلىش ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەن. مەركىزى پراگادىكى «ئ‍ازادلىق رادىيوسى» نىڭ بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ يىل 47 ياشلىق قازاق ژورنالىست ۋە مۇزىكانت ئايال جانارگۈل جۈمەتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتە چەت ئەلدىكى قازاقلار بىلەن ئالاقلاشقانلىقى سەۋەبىدىن يەرلىك ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىش خەۋپىگە ئۇچراپ، خەلقئارادىن ياردەم سورىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جانارگۈل جۈمەتاي خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگەر ئۇ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇرسا «ئامان قالىدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشىگە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ 2-يانۋار كۈنى دانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس رۇنى ستېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئۇنىڭغا «ئەگەر مەن يوقاپ كەتسەم ياكى ئ‍ۆلۈپ كەتسەم، دۇنيانىڭ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن. «ئازادلىق رادىي‍وسى» نىڭ ئېيتىشىچە، جانارگۈل جۈمەتاي ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان لاگېرلىرىنىڭ بىرىدە ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ئىلگىرى بىر مەزگىل قازاقىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن جانارگۈل جۈمەتاينىڭ ئاشكارا بولغان خىتاينىڭ ساقچى ھۆججەتلىرىدە 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دېلوسىغا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. قازاقىستان تېخى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغاندا، خىتاينى قوللاپ تەكلىپ لايىھەسىگە رەت ئاۋازى بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.