كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى يارۋروپا-خىتاي باشلىقلار سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-03-18
Share

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى قاتارلىق 10 دەك تەشكىلات ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىشنى، 1-ئ‍اپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا كومىسسىيەسى پرېزىدېنتى ئ‍ۇرسۇلا فون دېر لېيېن، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى چارلىس مېكىل، تاشقىي ئىشلار ئالىي كومىسسارى جوسېف بورېلغا يېزىلغان خەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىگە قارىتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەدبىرلىرى «بۇ كىرىزىسنىڭ ئېغىرلىقىغا نىسبەتەن ماس كەلمىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

خەتتە، يېقىنقى ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنغان ئاتالمىش «خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ب د ت نىڭ يادروسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى باشقۇرۇش قائىدىسى قوللانمىسى بولغان ب د ت نى يادرو قىلغان خەلقئارا قائىدىگە ھۆرمەت قىلىش» ۋەدىسىنىڭ قانچىلىك قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەتنىڭ ئاخىرىدا يارۋوپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى توختىتىپ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلاتلار بىلەن بولغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك دىئالوگنى ئالغا سۈرۈش، خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان ۋەھشىلىك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تەكشۈرۈش، بىر دائىملىق نازارەت مىخانىزىمى قۇرۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە دوكلات قىلىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى يەنە كېچىكتۈرمەي ئېلان قىلىشقا چاقىرىش، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشتا جاۋاپكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا نىشانلىق ئىمبارگو قويۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت