ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ قوبۇل قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.09

9-ئىيۇن كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ بېكىتكەن. مەزكۇر قارار ياۋروپا پارلامېنتىدا ناھايىتى زور كۆپچىلىك ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىنى ھازىرغىچە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قوبۇل قىلىنغان ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ كۈچلۈك قارارلارنىڭ بىرى، دەپ باھالىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانىدا مۇنداق دېگەن:

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC) بۈگۈنكى ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇمىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان قارارنىڭ مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ۋەھشىيلىكنى تۈگىتىشكە چاقىرىلغان بۇ قارار ئۇيغۇر خەلقىگە ئادالەت ئېلىپ كېلىشكە چاقىرىلغان تارىخى مۇراجىئەتنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ قوبۇل قىلىنغان بۇ قاراردا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ب د ت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش، ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ جىنايەتتە رول ئوينىغان چېن چۈەنگو ۋە جاۋ كېجى قاتارلىق ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق ماددىلار ئورۇن ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتىدا يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئويغىنىش چاقىرىقى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئەمدى قاراردىكى بۇ چاقىرىقلارغا ئەمەل قىلىشى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۆكۈمەتلەر ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر باياناتىدا قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا كۈچ چىقارغان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئوقۇغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.