ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 13-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە يىغىنىدا پارلامېنت ئەزاسى، شىۋېتسىيەلىك سىياسىيون دەيۋىد لېگا سۆزگە چىقىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ جازا قويۇشقا چاقىرغان شۇنداقلا خىتايدىن ئىلھام توختى قاتارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇزاكىرىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 14-ۋە 15-دېكابىر كۈنلىرى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو قويۇش-قويماسلىقنى مۇزاكىرە قىلىش ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پىرېزىدېنتى چارلېس مىشېل بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن بۇ ئاينىڭ باشلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولغاندا شى جىنپىڭغا رۇسىيەنى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلغان 13 خىتاي شىركىتىنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.
دەيۋىد لېگا ياۋروپا پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «مەن نويابىر ئېيىدا دەپ ئۆتكەندەك كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى ياۋروپا ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەڭ چوڭ تەھدىت. ئۇ، سىستېمىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى دۇنيا ھۆكۈمرانلىقىنى قوغلاشماقتا ھەم بۇنىڭغا يېتىشنىڭ پىلانىنى تۈزمەكتە. ئۇ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن تەھدىت سالماقتا» .
دەيۋىد لېگانىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دۇنياۋى چوڭ كۈچ سۈپىتىدە ئالاھىدە مەجبۇرىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، خىتاي رەھبەرلىرى دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن كۆپرەك دۇنياۋى مەسىلە پەيدا قىلماقتىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللاش، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىش، كىشىلەرنى ناھەق قاماش، ئىستىبدات قىممەت ئۆلچىمىنى ئېكسپورت قىلىش، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى پەيدا قىلىش ئارقىلىق مەسىلە ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەيۋىد لېگا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بىز بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، بۇ دوكلاتتا ئېيتىلغىنىدەك كۈچلۈك ۋە ئېنىق رەۋىشتە خىتايغا زىيادە تايىنىشنى رەت قىلىشىمىز، قاتتىق سودا تەدبىرى قوللىنىشىمىز، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ جازا قويۇشىمىز، ئىلھام توختى، گۇي مىڭخەي، جىمىي لاي ۋە ناھەق قامالغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.