20-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر دىيارى ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە جۇغراپىيىۋى ئورنى تۈپەيلىدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىزچىل كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ جەرياندا قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بىر قىسىم چەتئەل كونسۇلخانىلىرى ئەنە شۇنىڭ دەلىلىدۇر.
گېرمانىيەدىكى ماكس-پلانك ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئېمىلىي ۋىۋېلنىڭ «ئىمپېرىيە چېگراسىدىن ھالقىغان قانۇن: خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى بىرىتانىيە كونسۇلخانىسى، 1880-1943» ناملىق ئەسىرى ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەر بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا كەڭرى ئورۇن بېرىلگەن.
ئەنگلىيەدىكى ئەڭ داڭلىق نەشرىياتلاردىن بولغان مانچېستېر نەشرىياتى 2019-يىلى 20-دېكابىردا نەشر قىلغان بۇ ئەسەردە ئاپتور ئەينى ۋاقىتتىكى برىتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە كونسۇلخانا تەسىس قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى، كونسۇلخانىنىڭ پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن داۋالغۇشلاردا قانداق رول ئوينىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئەينى ۋاقىتتىكى بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالاقىدار ئارخىپلىرى ئاساسىدا سىستېمىلىق بايان قىلىدۇ.