خىتاينىڭ يېڭى پارتكوم سېكرېتارى يېڭى يىلنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى تەكشۈرتۈشتىن باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.01.03

خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 24-دېكابىر تۇيۇقسىز گۇاڭدۇڭ ئ‍ۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن ما شىڭرۇي، يېڭى يىللىق خىزمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھالقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدىن تەكشۈرۈشتىن باشلىغان. ئۇ تەكشۈرۈشتە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇشى، سۈپەتنى يۇغۇرى كۆتۈرۈشى ۋە تېخنىكا يېڭىلاشنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ما شىڭرۈي بىر ھەپتە ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىپ كېلىپ رايوندىكى خىتاي كادىرلىرىغا ئاچقان تۇنجى يىغىنىدا ۋە ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مۇقىملىق ئومۇمى نىشان بولسىمۇ، بىراق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ، تەمىنات زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، خەلقئارا سودا ۋە تېخنىكا يېڭىلاشنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېرلار مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالمىغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ سۆزى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىغانىدى. «شىنجاڭ» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ما شىڭرۈي يېڭى يىل كۈنى ‍ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى، مايتاغ نېفىت-خىمىيە شىركىتى، شىنجاڭ تيەنلى نېفىت-خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

ئۇ ‍ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «ئادەم ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ۋە راۋان يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇ تيەنلى نېفىت-خىمىيە شىركىتىدە قىلغان سۆزىدە، «ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتىنى تېزلىتىش، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە يېڭى ماتېرىيال ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رەقەملىك ئۆزگەرتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش» نى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.