يېڭى زېلاندىيە: «ب د ت دىكى ئۇيغۇر پائالىيىتى شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت»

يېڭى زېلاندىيە 12-ماي ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر پائالىيىتىگە ۋاكالەتچى بولغانلىقىنى دەلىللەپ، بۇ پائالىيەتنىڭ «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا ئىلگىرىلەپ دىققەت قوزغاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت» ئ‍ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يېڭى زېلاندىيەدىكى «نيۇزخاب» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيە سودا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى «دىپلوماتىك نوتىسىغا باھا بەرمەيدىغانلىقى»، بىراق يېڭى زېلاندىيەنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

«نيۇزخاب» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيە سودا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى «بۇ پائالىيەت شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئىلگىرىلەپ كۆڭۈل بۆلۈشى، شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۈملىدىن ب د ت سىستېمىسى، ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي جامائەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قانداق ئالغا سۈرۈشى ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى ئ‍ئۈچۈن بىر پۇرسەت.

يېڭى زېلاندىيە سودا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرگە نوتا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى 12-ماي ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئ‍ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەدىن بۇ پائالىيەتنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تەرەپ باياناتىدا ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىپ، «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ‍ئۆلتۈرگەنلىكى» نى ئېگىرى سۈرگەن. بىراق ئ‍ۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.