خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا 80 مىڭ ئادەم رايوندىكى 98 «كەسپىي تېخنىكا مەكتەپ» تە تەربىيە كۆرمەكتە ئىكەن.
مەزكۇر ئۇچۇرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي تېخنىكا مائارىپ بىرلەشمىسى، ناملىق بىر تەشكىلات شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ «كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى» نىڭ كۆلىمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئوبلاست 3 ۋىلايەتكە قاراپ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى «ئوقۇغۇچى» سانى خىتاينىڭ «12-5 يىللىق پىلانى» مەزگىلىدىكىدىن بىر قاتلانغان.
مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا بۇرالغان شۇنداقلا بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» دەپ پەردازلاپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا «كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى» دەپ تۈس بېرىشىدىكى مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەت تاسادىپىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ قالسا، ئۇلارنى ئالداش ئىكەن.
ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل بارشېلىت دۈشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇنىڭغا دائىر مەلۇماتلارنىڭ كىشىنى «بىئارام قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلەپ، خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە بۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ئۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتاشقا باشلىغان.
ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىق كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا خىتاي ۋەكىلى خۇ ليەنخې، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى رەت قىلىپ، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» ئورۇنلىرىدا دەم «ئالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي تېخنىكا مائارىپ بىرلەشمىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى بۇ كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەر «200 مىڭ قېتىم تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى 97% گە يەتكۈزگەن.»