ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن ئوتتۇرا ھال يەر تەۋرەشتە يەنە قاتتىق سىلكىنگەن. «خىتاي دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا، 17-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 6 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ 5.3 بال ئىكەنلىكى، تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم ۋە مال-مۈلۈك ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بىر رەسىملىك خەۋىرىدە، «ئاقچى ناھىيەلىك ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتى» قاتناش يولى پونكىتى خادىملىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ تالاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ئاقچى ناھىيەسىدە بۇ يىل 2-ئايدىن بېرى يۈز بەرگەن ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى 2-قېتىملىق يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى يۈز بەرگەن 5.7 بال يەر تەۋرەشمۇ، ھازىرقى يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، يەر تەۋرەشنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەرگىمۇ «سەزگۈر مەسىلە» قاتارىدا قاراپ، ئۇنىڭدا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى، توردا ئۇچۇر تارقاتقانلارنى «ئىغۋا» تارقاتتى دەپ جازالايدىغانلىقى مەلۇم.
خىتاي «نۇر» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ئاقچى ناھىيە بازىرىغا 22 كىلومېتىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە 59 كىلومېتىر كېلىدىكەن. خەۋەرلەردە، يەر تەۋرەشنىڭ ئاقچى ناھىيە بازىرى، ئۇچتۇرپان، ئاتۇش، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا سېزىلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە تەۋرەش مەركىزىنىڭ 5 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە بىر كەنت، 20 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە ئاقچى ناھىيە بازىرى بار ئىكەن.
«خىتاي دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى، ئۈچ بالدىن يۇقىرى 388 قېتىم يەر تەۋرىگەن. ئەڭ قاتتىق بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن. خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش دائىرىلىرى شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش كۈچىنى 7.1 بال دەپ ئېلان قىلغان.