ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 13-ئىيۇن كۈنى ئىلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا ئۇيغۇرلارمەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان. يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قلىشقا، خوڭكوڭنىڭ ئالى ئاپتونومىيەلىك ئورنىنى ساقلاشقا چاقىرغان. بۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىرىلىرىنىڭ ئورتاق باياناتىدا تىلغا ئېلىنىشىدۇر.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باياناتتا «بىز قىممەت قارىشىمىزنى ئالغا سۈرىمىز، جۈملىدىن خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋە نېگىزلىك ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز، بولۇپمۇ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، شۇنداقلا خىتاي-ئەنگىلىيە قوشما ئاخباراتى ۋە ئاساسىي قانۇندىكى خوڭكوڭنىڭ بۇ ھەق-ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە ئالى ئاپتونومىيەسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز،» دېيىلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا تەرەپلەر يەنە مەجبۇرى ئەمگەكنى يەر شارى تەمىنات زەنجىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ۋەدە بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ھۆجەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا ۋە G7 شېرىكلىرىمىز يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە ھەر خىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ھامىلىقىدا ئاجىز گۇرۇپپىلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، دېھقانچىلىق، قۇياش ئېنېرگىيىسى ۋە كىيىم-كېچەك ساھەلىرىدە مەجبۇرىي ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقان ئاساسلىق تەمىنات زەنجىرى.»