يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بەي ئېنپېي يەكشەنبە كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش بېكىتىلگەن.
رادىئويىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى بەي ئېنپېي بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ سوتتا ئۆزىنىڭ 247 مىليون يۈەن پارا يېگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
بەي ئېنپېي، شى جىنپىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، خەۋەرلەردە ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي قانۇن كومىتېتى سابىق سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەي ئېنپېي يۈننەندە پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسى ئۆتەشتىن ئىلگىرى چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، مەملىكەتلىك، خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىقلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاقتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا پاش قىلىشىچە، جوۋ يوڭكاڭ ئۇنىڭدىن ئوغلى جوۋ بىننىڭ بىر قوغۇشۇن - سىنىك كانىنىڭ سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
سوت ھۆكۈمىدە يەنە ئۇنىڭ كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ يېنىكلىتىلمەيدىغانلىقى ۋە ياكى قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.