ئاۋسترالىيە كۇرتىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈز تونۇش تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.09.15

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى (ABC) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە كۇرتىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چىرايىنى تونۇش تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كۆپ قېتىم تەلەپ قىلىنغان.

بۇ تەتقىقات 2019-يىل تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنىكەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ تېخنىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئېلىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويغان كۇرتىن ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقانىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گەرچە بۇ تەتقىقات ماقالىسىنى مەكتەپ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، بۇ ماقالە يەنىلا تور بەتتە مەۋجۇت ئىكەن.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەيمېس پاتېرسون كۇرتىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇنداق تەتقىقاتقا يول قويۇشىنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قىلمىشنىڭ ئۇزاققىچە بايقالماسلىقىنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كۇرتىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ باشتا بۇ تەتقىقاتتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن نازارەتنى كۈچەيتىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.