ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى قىممىتى 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى خۇمار قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان مۇزسىمان زەھەرنى ۋە دېلوغا چېتىشلىق تۆت نەپەر خىتاي ئەتكەسچىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، ئاۋسترالىيە ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى سېدنىي شەھىرىدىكى بىر نەچچە ئىسكىلاتتىكى يۈك ساندۇقلىرى ئارىسىدىن 720 كىلوگرام سۇيۇق ھالەتتىكى مۇزسىمان زەھەرنى بايقىغان. بۇ زەھەرلىك بۇيۇملار خىتايدىن كەلگەن سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە سىلىتسىيلىق بۇيۇملارنىڭ ئارىسىدىن بايقالغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بۇ تۆت نەپەر خىتاي زەھەر ئەتكەسچىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.