ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىككە ئالاقىدار 1929 دېلو پاش قىلىنىپ، 2000 غا يېقىن جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى يەنىلا «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» ۋە «ئالتۇن ھىلال ئاي» رايونىنى مەنبە قىلىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئۆتكەن بىر يىلدا بۇ رايونلاردىن كىرگۈزۈلگەن 54 كىلوگرام زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» ۋە «ئالتۇن ھىلال ئاي» رايونلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى تەھدىت قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق زەھەر مەنبەلىرى. بولۇپمۇ ئافغانىستاندىكى «ئالتۇن ھىلال ئاي» زەھەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ زەھەر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئايلىنىشى ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاسىيا قىتئەلىرىگە زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆتەڭ قىلىۋېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىۋاسىتە تەھدىت ياراتماقتا. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ يۇمشاقلىقى ، بۇنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرنى چەكلەشكە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە زەھەر خۇمارلارنىڭ قايتىدىن زەھەر چېكىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشى شۇنداقلا، كۈچنى زەھەرنىڭ كىرىش يولىنى توسۇشتىن بەكرەك زەھەر تاشلاتقۇزۇشقا قارىتىۋاتقانلىقى ئىكەن.