خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيوروسىنىڭ سابىق ئەزاسى جۇ يوڭكاڭنىڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ تېما خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ب ب س نىڭ نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي تىللىرىدا خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە باشقا جايلاردا چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلاردا بۇ ھەقتە ئوبزورلار ئېلان قىلىنماقتا. «دا گوڭباۋ» ۋە «ۋېنخۇي باۋ» شىنخۇا بىلەن ئوخشاش مەۋقە ۋە ئۇسلۇبتا ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. «داا گوڭباۋ» جۇ يوڭكاڭنىڭ خىتاي كوپمارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 17 نۆۋەتلىك سىياسىي بىيورونىڭ بو شىلەي ۋە شۈ سەيخودىن كېيىن ئۈچىنچى نۆۋەتتە جازاغا ئۇچرىغان ئەزاسى ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ چىرىكلىك قىلمىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، ئادەم سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتلەردە بو شىلەي ۋە شۈ سەيخودىن خەلىل ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە جۇ يوڭكاڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ شېرىكلىرى سۈپىتىدە يەنە كىملەرنىڭ پاش بولۇشى ۋە جازاغا ئۇچرىشىمۇ بىر قىزىق نۇقتا بولماقتا.
جۇ يوڭكاڭنىڭ رەسمىي جازالىنىشى غەرب مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئەڭ قىزىق نۇقتا بولدى.
ئەنگلىيەنىڭ«يەكشەنبە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئوبزورىدا جۇ يوڭكاڭنىڭ دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، بەلكى ئۇنىڭ ئۈستىدىم مەخپىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولۇنغان بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى قەيت قىلىنغان. ب ب س نىڭ نەقىلىدە ئېيتىلىشىچە، بەلكى جۇ يوڭكاڭغا ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا.
جۇ يوڭكاڭ مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئەڭ كۆپ مۇھاكىمە ئۇچۇرلىرى بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ئىتتىپاقچىسى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ جۇ يوڭكاڭ ۋە خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىچكى زىددىيەتلەر ھەم چىرىكلىك مەسىلىلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋە ئانالىزلارنى ئېلان قىلىنماقتا.