جۇ خەيلۇن خوتەندە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.05.21

خوتەندە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا قارىتىلغان نازارەت ۋە جازالاش كۈچەيتىلگەن بىر مەزگىلدە خوتەنگە بارغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، مەزكۇر ۋىلايەتكە چۈشۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھوشىنى يىغىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

19-ماي سىنا تورىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىن كۆچۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى جۇ خەيلۇن تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنى «كاللىسىنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلاپ، تۆۋەندە تۇرۇپ خىزمەت قىلىشنىڭ باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ، مەزكۇر كادىرلار توپىنى يەنە يەرلىكتىكى بىرىنچى قول سېكرېتارنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇپ، ھەر كۈنى ئۆيمۇئۆي تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتىگە تولۇق قاتنىشىشقا، ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، يەرلىكتىكى مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشقا بۇيرۇغان.

خوتەن ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى.

دائىرىلەر بۇ ھەپتە بېشىدا يەنە 221 نەپەر تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورگانلاردىن خوتەنگە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىشلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن كادىرلارمۇ بار ئىدى.

خوتەن دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى يەنە ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى تەكشۈرىدىغان ئالاھىدە گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئاساسى قاتلامغا يوللىغان.

خەۋەردە بۇلارنىڭ يېزىلاردىكى «ئىككى يۈزلىمىلىك» ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.