«زىمىستان» تورىنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.12.28

ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا دائىر نۇرغۇن سىن ۋە رەسىملىك دەلىللەرنى تارقىتىپ كېلىۋاتقان «زىمىستان» تورىنىڭ خىتايدىكى 40 تەك مۇخبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ 28‏-دېكابىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 8‏-ئايدىن بېرى مەزكۇر تور بېتىنىڭ 45 نەپەر مۇخبىرى غايىب بولغان.

خەۋەردە، ئۇلارنىڭ خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «زىمىستان» تورى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئورنى، قۇرۇلۇشى، ئىچكى مەشغۇلاتى، قائىدە-تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىغا دائىر نۇرغۇن سىن ۋە رەسىملىك دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ئىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بىر مۇخبىرى بۇ يىل 9‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

بۇ مۇخبىرنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. مەزكۇر تور بېتىنىڭ بۇ مۇخبىرى تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېڭىيەر يېزىسىدىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى ئەھۋالىنى سىن ۋە رەسىمگە تارتىپ، مەزكۇر توردا ئېلان قىلغان.

ئۇ يېڭىيەردىكى مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئىچىگە زاۋۇت قۇرۇۋاتقانلىقى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بۇ ئورۇندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ خەۋىرى خەلقئارادىكى بەزى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى لاگېرلاردا ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە بۇرالغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇتقۇن قىلىنغان بەزى مۇخبىرلىرىنى قىيىن‏-قىستاققا ئالغان، بەزى مۇخبىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.