شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات جارجىسىغا ئايلانغان

3-مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» تېمىسىدا تور يىغىنى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ جەھەتتە قانداق زور «ئىلگىرىلەش» لەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم داۋراڭ قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ كۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ب د ت جەنۋە ئىشخانىسدا دائىمي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاچقان. يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن بەش يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ 17 پىرسەنت ئاشقانلىقى، شۇنىڭدەك خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ نەچچە ھەسسە يۇقۇرىلىغانلىقى ھەققىدىكى كونا گەپلەر قايتا تەكرارلانغان.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمايىل يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلىپ «ھۆكۈمىتىمىز شىنجاڭ خەلقىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە غايەت زور پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. ھازىر ھەممەيلەن ياخشى يەيدىغان، ياخشى كىيىنىدىغان ۋەزىيەت يارىتىلدى،» دېگەندەك سىياسىي تەشىۋىقات سۆزلىرىنى قىلغان. يىغىندا سۆز قىلغان ھەرقايسى ۋەكىللەرمۇ بەس-بەستە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىدە قانداق «زور نەتىجە» لەرنى ياراتقانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتقان.

زۇلھايات ئىسمائىل بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئاتالمىش «كىشىلىق ھوقۇق مۇتەخەسسىسى» سۈپىتىدە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئاۋازى بولۇپ بەرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز» دېگەن شوئار ئاستىدا زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، قورساق غېمىدىن خالاس بولمىغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ پەقەت ئۆزىنى ئۆزى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.