ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-ئاۋغۇستتىن 31-ئاۋغۇستقىچە)
2012.08.31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 30-ئاۋغۇست «خەلقئارا غايىب بولغانلار كۈنى» دە بايانات ئېلان قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن 30-ئاۋغۇست «خەلقئارا غايىب بولغانلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي قاراشقا چاقىرغان.
باياناتتا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىدىن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرى ھەم سودا مۇناسىۋىتىدە، 5-ئىيۇلدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.
خەلقئارا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈنىدە يادرونىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى تەلەپ قىلىندى
خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى 29-ئاۋغۇست، دۇنيا يادرو سىنىقىغا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلات د ئۇ ق بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق ئاتوم بومبا سىنىقىنىڭ رايون ئېكولوگىيىسىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە ئېغىر تالاپەت ئېلىپ كېلىپ، راك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش غەيرىي كېسەللىكلەر ۋە نورمالسىز تۇغۇت ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلغانلىقى، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى مارىنو بۇسداچىن: خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلىتىش، باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مەسئۇلىيەت، دېگەن.
ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى باشلىنىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچى قاتتىق قامال قىلىنماقتا
خىتاي دائىلىرى 2-سېنتەبىر باشلىنىدىغان 2-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىلگىرىلەپ چىڭىتقان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ئايروپىلان ۋە دىۋوپو ئايرودرومىدا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ئايرودرومنى قوغدايدىغان ساقچى ۋە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ سانى كۆپەيتىلگەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە-ئورگانلار سەپەرۋەر قىلىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر كوچا-كويلارنى نازارەت قىلىش، مۇھىتنى ساقلاش ئىشلىرىغا سېلىنغان. بىڭتۇەن قوراللىق كۈچلىرى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىغا پوست قويۇلغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە، ساقچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق كۆزىتىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىن كېتىپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، ياقا يۇرتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قوغلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
تۈركىيىنىڭ سابىق مىنىستىرى خىتاينىڭ تۈرك تىلىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن سېكرېتارى رىشات دوغرۇ خىتاينىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرك تىلى ئۆگىنىشنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭغا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ «خىتاي تىلى تۈركىيىدە ھەممە ئادەم ئۆگىنىشنى خالايدىغان، ھېچقانداق چەكلىمە يوق بىر تىل. بۇنداق ئەھۋالدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەڭ-باراۋەرلىك بولۇشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك تىلى كۇرسلىرىنىڭ ئېچىلىشى، مەكتەپلەردە تۈرك تىلى دەرسىنىڭ بېرىلىشىنى تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بىز خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى ئەركىن قويۇۋەتتۇق، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تۈركچە ئۆگىنىشنى ئەركىن قويۇۋېتىشى لازىم» دېگەن.
ئۇ يەنە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۈرك بايرىقى بېسىلغان مايكا كىيگەن ئۇيغۇرلارنى سوراققا تارتقانلىقىنى ئەيىبلەپ: تۈركىيە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ، خىتايغا ۋاقتىدا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.
تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
يېقىندا كانادادىكى ئۇيغۇرلار تورونتو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان.
تۈرك فېستىۋالى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت كۆرىكى بولۇپ، فېستىۋالغا تۈركى مىللەتلەر سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر، ئەزەربەيجان، تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەر قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرىدۇ. بۇ يىل تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك فېستىۋالى 6-قېتىملىق مەدەنىيەت كۆرىكى بولۇپ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ قېتىم فېستىۋالغا بىر قەدەر سىستېمىلىق تەييارلىق بىلەن قاتناشقان.
تۈرك فېستىۋالى تەييارلىق كومىتېتى بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس تىزگاھ ئاجرىتىپ بەرگەن. تىزگاھتا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا، ئەتلەس، مۇزىكا ئەسۋابلىرى، پىچاق، كىيىم-كېچەك ۋە كەشتىچىلىك مەدەنىيىتىگە ئائىت 6 تۈر بويىچە 100 خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىنغان.
خىتاي-تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي-تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى مەزكۇر كۆرگەزمىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي-تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 31-ئاۋغۇست باشلىنىدۇ. ئىستانبۇلدىكى ئالىي ئەمىرى ئەپەندى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر كۆرگەزمە 6-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا «خىتاي ۋە تۈركىيىدە ئىسلام» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە قۇرئان ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ جەرياندا يەنە، خوتەن ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى جەمئىي 3 مەيدان ئويۇن قويماقچىكەن. بۇ پائالىيەتنى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت، خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.