ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-نويابىردىن 8-نويابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قاغىلىق ناھىيىلىك قاتناش ساقچىلىرى تارقاتقان، ئۆزلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 بالىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ھەققىدىكى ۋىدېيولۇق خەۋەر.
قاغىلىق ناھىيىلىك قاتناش ساقچىلىرى تارقاتقان، ئۆزلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان 3 بالىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ھەققىدىكى ۋىدېيولۇق خەۋەر.
Social Media

«قىزىل تۆگە» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت تۇتقۇن قىلىنغان

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق «قىزىل تۆگە بيو-تېخنىكا شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەتنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. 

«قىزىل تۆگە» شىركىتى ئاساسلىقى ھالال مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن روناق تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز نەچچە توپ سېتىش ئورنى ۋە ئون مىڭدىن كۆپرەك پارچە سېتىش نۇقتىسى ئاچقان ئىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ئابدۇۋەلىنىڭ نۆلدىن باشلاپ ئىگىلىك تىكلەش روھى ھەمدە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆپلەپ پۇل سەرپ قىلىشى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى ساختا «سەھنە ئويۇنلىرى» ئاشكارىلاندى

خەلقئارانىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بېسىملىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى لاگېر زىيارىتىگە ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. يېقىندا خىتاينىڭ بۇ ئېكىسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىگە لاگېرلاردا ساختا «سەھنە» تەييارلىغان قىلمىشلىرى ئاشكارا بولدى. 

ئەنە شۇ خىل ساختىپەزلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىدلاردىن زۇمرەت داۋۇت ئۆز مەھەللىسىدىكى ئاھالە كومىتېتىنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىقنى قانداق تەشكىللىگەنلىكىنى پاش قىلدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، چەتئەل ئېكىسكۇرسىيەچىلىرى ئۈچۈن ساختا «سەھنە» بولغان ئۈرۈمچىدىكى «كۆكتېرەك» مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر رەجەب 2017-يىلى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان مەزكۇر مەسچىت تاقاپ قويۇلغان ئىكەن. 

ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا باقمىچىلىق رايونىغا ئايلاندۇرۇلماقچى

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ چوشقا باقمىچىلىق رايونىغا ئۆزگەرتىش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەر بولغان. 

ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «چوشقا باقمىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش» تېمىسىدىكى مەخسۇس يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بۇنىڭ «زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «ئەسەبىيلىككە ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ھەمدە ئۇلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇنداق بىر يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا سىياسيونلىرىدىن ماركو رۇبىيۇ يېقىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا قارىتا دۇنيانى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. 1-نويابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تېرورلۇق ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلغان» دەپ كۆرسەتتى. 

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ بۇنىڭغا ئۇلاپلا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ باياناتىدا زۇمرەت داۋۇت قاتارلىق شاھىدلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقى كەسكىن تەنقىدلەندى. شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ مەرھۇم داۋۇت ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغانلىقىنى ئالاھىدە ئىپادىلىدى. 

ئېزىپ قالغان بالىلارنىڭ لاگېر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئۆتكەن ھەپتە قاغىلىق ناھىيەلىك قاتناش ساقچىلىرى بىر ۋىدېيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يولدا ئېزىپ قالغان ئۈچ بالىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. 

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بۇ ئۈچ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاغىلىقتىكى بىر لاگېردا ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. 

لاگېرلار سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھەپتىلەپ ياكى ئايلاپ جۇدا بولۇشى ھازىر دائىملىق ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ كۆپلىگەن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى كىشىلەرنى زور ئەندىشىگە سالماقتا. 

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن قىسمەتكە ئەينەن ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

يېقىندا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدا ھەر كۈنى خرۇستال كېچىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئەھۋالى ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن قىسمەتنىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى. 

«خرۇستال كېچىسى» ئىبارىسى ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلار ئومۇمىييۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەمدە لاگېرلارغا قامىلىشقا باشلىغان كۈننى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ھەر كۈنى مۇشۇ خىلدىكى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئاپتور بۇ ئارقىلىق ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنىڭ قايسىي دەرىجىدە جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتلەرنى بۇ مەسىلىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

تولۇق بەت