ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25 - دېكابىردىن 31 - دېكابىرغىچە)
مخبىرىمىز جۈمە
2010.12.31
2010.12.31
بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا يەر مەسىلىسى بىلەن 12 - قېتىم يەنە بېيجىڭغا كەلدى.
ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيىسى قىزىل دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بولۇپ، ئۇ، ئىلگىرى بېيجىڭغا 11 قېتىم ئەرز قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا 4 ئاينىڭ ئالدىدا بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، يېڭى مەيدان باشلىقى ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنغان 220 يەرنىڭ پەقەت 70 موسىنى ھەل قىلىپ بەرگەن. ئابدۇرېھىم ئاكا بۇنىڭدىن رازى بولمىغان.
ئۇ، قولىدىن كەتكەن يېرىنى تولۇق قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغا 12-قېتىم كېلىپ، ئەرزىنى قايتىدىن باشلىغان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ نىشانى بەلگىلەپ، ئۇيغۇر ئېلى "مۇقىملىقىغا ئاساسىي خەۋپنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن كېلىدىغانلىقى" نى تەكىتلىگەن.
يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان " تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش" ئاتالغۇسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001- يىلىدىن بۇيان كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان " تېررورلۇققا قارشى كۈرەش" ئاتالغۇسىنى تەكىتلەشنى بىردىنلا پەسەيتىشى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
"جياڭسۇ قانۇنچىلىق گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭسۇنىڭ جۈنئەن سوت مەھكىمىسى 2011 - يىل ئىچىدە، سىياسىي ئىرادىسى قەتئىي بولغان بىر تۈركۈم سوتچىلارنى، ئۇيغۇر رايونىغا ياردەمگە ئەۋەتمەكچى.
خەۋەردە بۇ سوتچىلارنىڭ پەقەت يەرلىك سوتچىلارنى تەربىيىلەيدىغانلىقى، يېتەكلەيدىغانلىقى، مۇھىم دېلولارنى تەڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىرلىكتە قارار چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، سابىق ئادۋوكات بەختىيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا سوتچى ئەۋەتىش ئۇيغۇر رايونىدا "5-ئىيۇل نامايىشى" غا ئائىت بېسىلىپ ياتقان دېلولارنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇنىڭ مۇرەككەپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
24- دېكابىردىن 26- دېكابىرغىچە ستوكھولىمدا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلام مەسىلىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئىسلام مەسىلىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىدى.
يىغىنغا شىمالىي ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن مۇسۇلمان مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ۋسترالىيىدىن دىنىي زات ئابدۇسالام قارىم تەكلىپ قىلىنغان.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، ئابدۇسالام قارىم ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەردى ۋە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە تەييارلىغان فىلىمنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دوكتور راغېپ ئەل سارجانىي ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنىڭ 11 تۈرلۈك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋاقتىنى 16- دېكابىردىن باشلاپ 18 سائەتكە ئۇزارتتى.
ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرچە چاستوتا خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يەنىلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.
مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1956 - يىلى 10- دېكابىر باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل كۈنىگە بىر سائەت ئاڭلىتىش بېرىپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 4 -ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رۇس تىلى سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پەزىلەت ئەكبەرگە 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
پەزىلەت ئەكبەر ئەسلىدە قورغاس ناھىيىسىنىڭ سۈيدۈڭ بازىرىدىن بولۇپ، ئوقۇش بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇشنى توختىتىپ، ياللىنىپ ئىشلىمەكتە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پەزىلەت ئەكبەر 2009- يىلى 5 -ئىيۇل دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە نامايىشقا قاتناشقان ئىكەن. پەزىلەت ئەكبەر، "5 -ئىيۇل ۋەقەسى" دىن 2 ئاي كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بۇ يىل 4 -ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مەخپىي سوتتا، قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. رادىئومىزغا يوللانغان ئىنكاستا، پەزىلەت ئەكبەرنىڭ سوتتا قانداق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
12- ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيە ت ب س تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلىپ بېرىلغان "خىتاي دېموكراتىيىلىشىشكە يۈزلىنەمدۇ؟" ناملىق مۇنازىرە پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ياپونىيىدىكى داڭلىق كىنو چولپىنى كىتانو تاكېشى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگراممىغا، سابىق ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى توشىيو تاموگامى ئەپەندى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتى مۇتەخەسسىسى جۇ ياۋلەي قاتارلىق نوپۇزلۇق خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان.
خىتاي مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ئاقلاپ نۇرغۇنلىغان پاكىتسىز سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيىنىڭ سابىق ھاۋا ئارمىيىسى باش قوماندانى تاموگامى ئەپەندى سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ تارىختىكى مۇستەقىل دۆلەت شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنى بېسىۋېلىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا، مۇنازىرە سورۇنىدىكى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، مۇنازىرىگە چۈشكەن خىتاي سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
"شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 12- ئاينىڭ 10 -كۈنى يەنە "يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" باشلانغان.
ھەرىكەتكە "قەبىھ زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەرىكىتى" دەپ نام بېرىلگەن. ج خ نازارىتىنىڭ بۇ ھەرىكەت ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، چوڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ قاتتىق تەلەپ قىلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىپ كەلگەن.