ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 25 - مايدىن 31 - مايغىچە)
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.30
2008.05.30
تۈركىيىدە مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا " مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ ياشىغان دەۋرى " ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىنغا 15 دۆلەتتىن كەلگەن 75 تىن ئارتۇق ئالىم قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيە، رۇسىيە ،ئامېرىكا ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.بۇ يىلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن - مائارىپ ئىدارىسى مەھمۇد قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، مەھمۇد قەشقىرىگە ئائىت يىغىن تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ھەر خىل شەكىلدە ئېچىلدى.
مەھمۇد قەشقەرى 11 - ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىك ئالىم بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىمى دەپ پەخىرلەنسە، باشقا تۈركىي خەلقلەرمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئالىمى دەپ ھۆرمەت قىلماقتا ھەمدە ئۆز تارىخلىرىغا يازماقتا. ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كرامېر ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاپ، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى بەرگەن.خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 2002 - يىلىدىن بەرى توختاپ قالغان بولۇپ، بۇ يىل ئەسلىگە كەلگەن. دايۋىد كرەيمېر بۇ سۆھبەتكە باھا بېرىپ، " مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ بېسىلغان بىرىنچى قەدەم دەپ قاراش كېرەك " دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئەمما، ئاشكارىلىنىشىچە، ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد كرامېر، خىتاي تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە "تىبەت تۇتقۇنلىرىنىڭ سانى، ئۇلارنى قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنى ئاقلاشقا تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكاتلارغا تەھدىت سېلىش ۋەقەسى" قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، سۆھبەتنىڭ "شىنجاڭ" دىكى مىللىي پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇش مەسىلىسىگە چېتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى تىلغا ئالمىدى.
لېكىن، يەنە بەزى مەلۇماتلاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى مەسىلىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىشى ھەمدە قەشقەردە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر خرىستىيان مۇرىتى ئالىمجاننىڭ مەسىلىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەھۋاللارنىڭ دەيۋىد كرېيمەرنىڭ سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
دىئور شىركىتى تىبەتنى ھىمايە قىلغان ئارتىسنىڭ ئېلان سۈرىتىنى ئېلىپ تاشلىدى
فرانسىيىنىڭ داڭلىق ماركىسى "كرىستىيان دىئور" نىڭ خىتايدىكى تارمىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى " دىئور " ماركىسى دۇكانلىرىدا، ئامېرىكا ھوللىۋوئودنىڭ مەشھۇر ئارتىسى شارىن ستوننىڭ ئېلان سۈرەتلىرىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.شارىن ستون، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن گانا كىنو فېستىۋالىدا، دالاي لامانى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست ئىكەنلىكىنى، بۇددا دىنىدا ئېيتىلغىنىدەك، باشقىلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەڭرىنىڭ ئەۋەتكەن جازاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. شارىن ستوننىڭ بۇ ئەيىبلىشى خىتايلاردا بىئاراملىق ھەم نارازىلىق پەيدا قىلغان.
بىراق، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى شارىن ستون مەزكۇر شىركەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقى ھەمدە ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھوللېۋۇد چولپىنىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە نىسبەتەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئىنكاس قايتۇردى
ئاستانا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا پويىز قاتنىدى
ئاستانا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا پويىز قاتنايدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - ماي كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان قازاقىستاننىڭ بىر شىركىتى 27 - مايدىن ئېتىبارەن ئاستانا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا يولۇچىلار پويىزى قاتنايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىكەن.ئىلگىرىدىن تارتىپ ئالمۇتا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا پويىز قاتناۋاتقان بولۇپ، لېكىن قازاقىستاننىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىسىمى بىلەن بۇنداق ئالاقە بولمىغان ئىدى.
نۆۋەتتە، خىتاي يەنە قەشقەر بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىنى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان پويىز يولى ياساش پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش خىتاي، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تەرەپتىن قوللاشقا ئېرىشىلگەن .
ب د ت نىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش يىغىنى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلدى
30 - ماي كۈنى ب د ت غا ئەزا 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ستوكھولىمغا جەم بولۇپ، ئىراق مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىردى. يىغىننىڭ مەقسىتى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئىراققا ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. يىغىن ئاخىرىدا ستوكھولم خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان .ئىراق باش مىنىستىرى مالىكى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئىراقنىڭ 67 مىليارد دوللارلىق تاشقى قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك ھالدا ئىراقنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئورتاق ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە - خىتاي رەھبەرلىرى ئۇچراشتى
ئالدىنقى ھەپتىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترىي مېدۋېدېۋ خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ سەپەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن زور ئەھمىيەتلىك ۋە پايدىلىق بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئىختىلاپلارنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
رۇسىيە ۋە خىتايچە مەتبۇئاتلاردا يېزىلىشىچە، ئۇلار ئارىسىدىكى ئاساسىي ئىختىلاپلار، نېفىت - ئېنېرگىيە ساھەسى بولۇپ، خىتاي رۇسىيە بىلەن نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، نېفىت توشۇش ھەم باھا مەسىلىسىدە بىرلىك ھاسىل قىلالمىغان.
ھەربىي قورال ياراق سودىسى جەھەتتە، خىتاي رۇسىيە ئىلغار ئايروپىلانلىرىنىڭ نۇسخىسى بويىچە ئۆزلىرى كۈرەشچى ئايروپىلان ياسىغانلىقى رۇسىيىلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىراق شەرقتىكى رۇس پۇقرالىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر كۈچەيگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنىلا كۆپلىگەن زىددىيەتلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن.