ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - ئاۋغۇستتىن 15 - ئاۋغۇستقىچە )

0:00 / 0:00

قەشقەر ۋە كۇچار ۋەقەلىرى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى

4 - ئاۋغۇست قەشقەردە، 10 - ئاۋغۇست كۇچادا ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر يېڭى شەھەرنىڭ يامانيار يېزىسىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر خەلقئارادا زور غۇل - غۇلىلارنى قوزغىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ۋەقەلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار مەيدانغا چىقتى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، زۇلۇم كۈچەيگەنسېرى، قارشىلىقلارنىڭمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا دەۋەت قىلدى.

ۋاڭ لېچۈەن قاتتىق زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ۋاڭ لېچۈەن چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا 4‏ - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋاڭ لېچۈەن، شۇ قاتاردىكى ۋەقەلەرنىڭ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەر تەرىپىدىن پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە تاكتىكىلىق ئېلىپ بېرىلغان ۋەھشىي بىر ھۇجۇم دەپ كۆرسەتكەن. ۋاڭ لېچۈەن يەنە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ھايات ماماتلىق كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئۇزۇن مەزگىللىك، كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بىر كۈرەش دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە مەيدانى قەتئىي ۋە بايرىقى روشەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە يەنە، "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتە، تەشەببۇسكار ھالەتتە تۇرۇش، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇش، پۇختا مۇداپىئەلىنىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش" نى تەلەپ قىلغان

مەمەت تۇرسۇنغا ياردەم توپلاش دولقۇنى سەپەرۋەر قىلىندى

2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، خىتاينى ئەيىبلەش، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھاياتىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە قارىماي ئۆزىگە ئوت قويغان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى ھازىر ئەنقەرە نۇمۇنە دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا.

مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يارىسى خېلى ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قانچە پەرزەنتى بار. مۇنداق پىداكارلىقتىن تەسىرلەنگەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەمەت تۇرسۇنغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلىغان. بۇنىڭغا ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇش خەلقئارالىق ھەل قىلىش باسقۇچىغا كىردى

رۇسىيە قوراللىق قوشۇنلىرىنىڭ 8 - ئاۋغۇستتا گرۇزىيىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، رۇسىيە ئارمىيىسى جەنۇبىي ئاسسېتىيە رايونلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن سىرت يەنە گرۇزىيىنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، پايتەخت تىبلىسقا يېقىنلاشقان جىددىي بىر پەيتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختاپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆھبەتلىشىش ۋەزىيىتى يارىتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، گرۇزىيىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى نارازى بولدى. بۇ ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلدى.

جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندا لىزا رايىس گرۇزىيىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ساكاشىۋېلى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ رۇسىيە، گرۇزىيە ۋە فرانسىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، رايون مەسىلىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيەگە كىرىشىگە قەتئىي قارشى چىققان بولۇپ، غەرب رۇسىيىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

رۇسىيە تەرەپ بولسا، ساكاشىۋېلىنى ئېتنىك تازىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي تەرەپمۇ رۇسىيە - گرۇزىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ساكاشىۋېلى يەنە، گرۇزىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە باشقىلارنىمۇ چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جىم تۇرۇۋالغان.

گرۇزىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى رۇسىيىنىڭ تېخى ئەسكەر چېكىندۈرمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمىيەت گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشىنىڭ جىددىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ پولشا بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىدىن نارازى بولدى

14 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا بىلەن پولشا ھۆكۈمىتى پولشادا ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىشقا ئائىت بىر دەسلەپكى كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئىدى.

گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى جىددىيلىشىۋاتقانندا مەيدانغا كەلگەن بۇ كېلىشىم رۇسىيە تەرەپنى قاتتىق نارازى قىلدى. رۇسىيە ئارمىيىسى باش شىتاب باشلىقى بۇ مەسىلىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانىغا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل قارشى چىقماقتا.

نۆۋەتتە، پولشا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىمۇ مۇناسىۋەتلەرمۇ ئۇنچىلىك ئىللىق ھالەتتە ئەمەس ئىدى. ئامېرىكا پولشا، چېخ قاتارلىق بالتىق دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرگە 10 دانە راكېتادىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىشنى پىلانلىغان ئىدى.