ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 13 - سېنتەبىردىن 19 - سېنتەبىرگىچە )

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.09.19

ئامېرىكا پرېزىدېنت كاندىداتلىرى خىتاينى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىردى

15 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنت كاندىداتلىرى باراك ئوباما ۋە جون مىكېيىنلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي سىياسەتلىرىنى شەرھىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر ئىككىلا كاندىدات خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتە كۆپ توختالغاندىن باشقا يەنە، خىتاينى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باراك ئوباما خىتاي سىياسىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، دېموكراتىيە ۋە دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش يولىغا مېڭىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە: " خىتاي دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى يولغا قويۇش قاراپ يۈزلەنگەن ئېقىمدىن ئايرىلىپ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى جون مېكېين بولسا، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى خەلقئارا دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان قانۇنى تېما ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغانلىقىنى، بۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە سەبىيلەر مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى

خىتاي ئاخبارات تورلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سەبىيلەر قوش تىل مائارىپىغا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۈر مەبلەغنىڭ ئىككى يۈز مىليوندىن يۈەندىن كۆپرەكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەم قىزىلسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بالىلار مائارىپىغا سەپلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى" شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە " ئاز سانلىق مىللەت بالىلار مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى " نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكچى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس 3 مىليارد 750 مىليون يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت سەبىيلەر مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ‏ - كەنتلەرگىچە قوش تىل بالىلار باغچىلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي بالا تەربىيىچىلىرىنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىمۇ خىتاي تىلى ئارقىلىق ئېلىپ بارماقتا.

ۋاڭ لېچۈەن قارشىلاشقۇچىلارغا ئالدىنئالا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي باشلىقى ۋاڭ لېچۈەن بۇ ھەرىكەتنىڭ "بۆلگۈنچىلەرگە" جىسمانىي زەربە بېرىش بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى، كېلەر يىلى يازغا قەدەر ئىندولوگىيە ساھەسىدە قانات يايدۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار قاتارلىق بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ مىللي بۆلگۈنچى كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋاڭ لېچۈەن يەنە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەش غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىدىن باشلاپ خىتاي مەدەنىيەت كىملىكى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيلىرى،خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردا خىتاي مەدەنىيەت كىملىك ئېڭى تىكلەش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەكس نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت كۆزەتچىسى ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ تارىخ مەسىلىسىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنى ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،ئاتالمىش "تارىخنى بۇرمىلىغۇچىلار" نى بۆلگۈنچى قاتارىدا جازالاشنى پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم، دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چەت ھەم ئەڭ نامرات ناھىيىسىمۇ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچرىماقتا

ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ نامرات ناھىيىلەردىن بىر بولغان خوتەن ناھىيىسىدە زەھەر چەككۈچىلەر سانى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى خوتەن ناھىيىسىدىلا ئەمەس، ھەتتا خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ بىرەر زەھەر تاشلىتىش ئورنى قۇرۇلمىغان.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خىزمەتلىرىگە دائىر خەۋەر تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە زەھەرلىك چېكىملىك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خوتەن ناھىيىسىدىمۇ بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن ناھىيىدە مەلۇم بولغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 938 نەپەرگە، نەشە چەككۈچىلەر 643 نەپەرگە يېتىدىكەن.

كاندىلىزا رايس رۇسىيىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس 18 - سېنتەبىر رۇسىيىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە رۇسىيىنى دۆلەت ئىچى مەسىلىسىدە دىكتاتورلۇق، خەلقئارا مەسىلىلەردە بولسا ئۆكتەملىك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە رۇسىيىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەخىرسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ خەتىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

رۇسىيە، ئۆتكەن ئايدا، گرۇزىيىگە ئەسكىرىي ھۇجۇم قىلغان، 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا، جەنۇبىي ئوسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان، تۈنۈگۈن بۇ ئىككى رايون بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغان ئىدى.

رايس خانىمنىڭ يوقىرىقى سۆزى، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسېتىيە ۋە ئابخازىيە بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىشىدىن بىر كۈن كېيىنگە توغرا كەلدى. نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزەتمەكتە.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.