ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6 - دېكابىردىن 12 - دېكابىرغىچە)

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2008-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى بويىچە نامايىشلار

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 ‏يىللىقىدۇر. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا مىقيادا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قىسىم ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار " شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى مۇنبىرى" نام ئاستىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

12 - ئاينىڭ10 - كۈنى دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كانادانىڭ تورونتو ۋە ۋانكوۋېر شەھرىدىمۇ ئۆتكۈزدى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدىمۇ نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ كۈنى يەنە گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە بولسا يىغىن ئېچىلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قارىمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى،خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

بۇ دوكلاتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنىڭدا خەلقئارا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەھدىنامىنى بەلگىلەنگەن تېگىشلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىشكەكتە مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە، ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 11 - ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

"ئىتتىپاق" جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر داغدۇغىلىق پائالىيىتىگە ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك ئالىملار ئىشتىراك قىلغان.

2008 - يىلىنىڭ ب د ت تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئەللەردە تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى پائالىيەتلەرنى ئاساسلىقى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى تەشكىللىگەن.

ئامېرىكا، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغان

11 - دېكابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى شون مىككورماك بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدىن بۇرۇن، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شون مىككورماك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا چارشەنبە كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراش، سوراق قىلىنىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە تۇيماقتا. بولۇپمۇ بىز دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۆكتىچى پىكىردىكى يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ ئەھۋالىدىن پەۋقۇلئاددە ئەنسىرەۋاتىمىز."

تولۇق بەت