ئەنقەرەدە تۇنجى ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىلدى
2013.08.14
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر سۇپرىسى» ناملىق تۇنجى ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىلدى.
ئاشخانىدا لەزىز ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى بار بولۇپ، بۇ يىللىق رامىزان داۋامىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپەتلىرىنى بۇ ئاشخانىدا ئۆتكۈزدى.
ئەنقەرەدىكى«ئۇيغۇر سۇپرىسى» ئاشخانىسى شەھەر مەركىزىگە يېقىن بولغان جەبەجى تۆتيول مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاشخانا ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار توپلىنىدىغان جايىغا ئايلانغان.
بۇرۇن ئەنقەرەدە ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە تاتارلارنىڭ ئاشخانىسى بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاشخانىسى يوق ئىدى.
بۇ تۇنجى ئېچىلغان ئاشخانا توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ياقۇپ قاراخان ئەپەندى ۋە ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقان خېرىدارلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ياقۇپ قاراخان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك كۈلتۈرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ ئاشخانىنى ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى.