ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش بەش يىلدا 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلمەكچى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-02-25
Share
qeshqer-eshinchi-emgek-ishchi-rizwangul-yusup.jpg قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ سايباغ كەنتىدىن گۋاڭدوڭ ئۆلكىسىگە «ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى» نامىدا يۆتكەپ مېڭىلغان ئۇيغۇر قىز - رىزۋانگۈل يۈسۈپ
(2014 - يىل 3 - نويابىر. مەنبە: جۇڭگو خەۋەرلەر تورى)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «13-بەش يىل» مەزگىلىدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزمەكچى ئىكەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چاغان ئۆتۈپلا يەنى 20-فېۋرال قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن قىزلار ئاساس قىلىنغان 85 نەپەر دېھقان ئىشلەمچى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە بىر يىللىق توختام بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن.

«قەشقەر گېزىتى» نىڭ 24-فېۋرال خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە بۇ قېتىم قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا، بازارلىرىدىن تەشكىللەنگەن 85 نەپەر دېھقان ئىشلەمچى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرى «خەيئىر» ئېلېكترون شىركىتىگە بىر يىللىق توختام بىلەن ئىشلەمچىلىككە يۈرۈپ كەتكەن. بۇ ناھىيە ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھىيىلىك كادىرلار، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ ئىدارىلىرى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار قاتناشماقتا بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى زاكاز بويىچە سىرتقا چىقىرىش خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ يىل ئۇلار 71 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، 5000 دىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇت، كان-كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ قېتىمقى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەم ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، دائىرىلەر «13-بەش يىل» مەزگىلىدە يەنە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 11 مىليون ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە 3 مىليون ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن تەربىيەلەشنى پىلانلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەردىن 2 مىليون 18 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. دائىرىلەر بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتقا چىقىرىدىغان ئىشلەمچىلەرنى 15 مىڭغا يەتكۈزۈشنى، كەلگۈسى 3 يىلدا 50 مىڭغا چىقىرىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى داۋاملىق بۇ ساننى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن بىر كىشىنى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش،، ئۇيغۇر رايونىدىن خادىملارنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنى ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلىش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئون يىللىق پىلانىنى يولغا قويۇشتەك بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. بۇ سىياسەت بويىچە خىتاي كارخانىلىرى بىر قېتىمدا 30 نەپەر شىنجاڭلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلسا، بىر يىلدا 300 مىڭ سومدىن ئارتۇق سىياسەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

خوتەن شەھىرىدىن قاراقاش ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا يېقىندا خىزمەتكە چۈشكەن بىر كادىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق نۇرغۇن نامرات دېھقاننىڭ بېيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، ئۆز يۇرتىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ ئاشپەزلىك كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەۋاتقىلى خېلى بولغان بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تېپىشنىڭ يەنىلا تەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنىڭ خىتايلارغا بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئىش پۇرسىتى كەلگەن تەقدىردىمۇ ئەمگەك ھەققى بىر قەدەر تۆۋەن ئىشلارغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقسۇنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئىشسىز ياش، گەرچە يېزا، كەنتلەرگىچە خىتاي شىركەت، زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلارغا ئاساسەن خىتايلار ئېلىنىۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىرلىقىنى، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ 2016-يىلدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز دەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىشسىز ياشلارنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا 2004-يىلىدىن باشلاپ بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن پىلانلىق يۆتكەشكە كىرىشكەن ئىدى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىچكىرى خىتايدىكى زاۋۇتلاردا ئوخشىمىغان خورلۇقلارغا ئۇچرىشى ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن.

ئاخىرى 2009-يىلى 26-ئىيۇن شاۋگۇەن قانلىق پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلىنىپ ئۈرۈمچىدە-5 ئىيۇل نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى گەرچە ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەجبۇرىي ئىچكىرى خىتاي زاۋۇتلىرىغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش قەدىمىنى ئاستىلاتقاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل سىياسەت شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن بارغانچە كۈچەيتىلمەكتە، يەنىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلمەكتە ئىكەن.

بۇ ھەقتە يېقىندا گۇاڭدۇڭ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ: «گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىدىكى شىنجاڭدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ گۇاڭجۇدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى دەسلەپ 3 يىل سىناق قىلغاندىن كېيىن ئۈنۈمى ياخشى بولدى، بىز بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ پىلاننى يەنە داۋاملاشتۇرماقچى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرماقچى» دېگەن.

ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋام قىلماقتا ؟ يېقىندا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نۇقتىلىق سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۈنخۇا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ «شىنجاڭ چوڭ بولسىمۇ ئىش پۇرسىتى ئاز، ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە، ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ-ئىشقا ئورۇنلاش ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى، تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، ئىچكىرىلەردە خەنزۇلار بىلەن بىللە ئارىلىشىپ ياشاش ۋە ئىشلەش جەريانىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چوڭ ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىشىغا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ ۋە بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناقلىق ئۈچۈن پايدىلىق» دېگەن.

قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر ئايال، بۇ ناھىيىدىنمۇ نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە تەربىيىلىنىپ ئېلىپ مېڭىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئاساسەن 13 ياشتىن يۇقىرى 30 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى ئۇيغۇر ئىشسىز ياشلارنى ئاساس قىلىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بىكار قېلىپ ئىش چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى نامرات يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللىك ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى: «خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى بولسا يات خىتايغا يۆتكەشنىڭ ئۆزىدىن، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما-5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى خىتاينىڭ بۇ مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، خىتاينىڭ شۇنچە زور قارشىلىق ۋە نارازىلىقلارغا قارىماي، خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالماي، بۇ سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇشى پەقەت خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىدۇ خالاس» دېدى.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىلەردىن چېن پوكۇڭ بولسا، «يېزىلاردىكى ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى شۇنچە كۆپ كۈچ ئاجرىتىپ مەخسۇس سىياسەت ۋە رىقابەتلەرگە قارىماي خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا. مىليونلىغان خىتاي كۆچمەن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەش ۋە ياشاش شارائىتىغا ئېرىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز يۇرتىدا جان باقالىشى كېرەك،ئەمما ئۇلار سىياسەت بويىچە ئۇيغۇرلارنى تىل، مەدەنىيەت ھەر جەھەتتىن پەرقلىق بولغان پىلانلىق يۆتكەش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانى»دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىقتىساد، مەدەنىي، قانۇنىي، كىشىلىك ھوقۇق ھەر جەھەتتىن دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش زوراۋان خاتا سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى،خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ، مىللىي ئىختىلاپلارنىڭ داۋاملىشىشىغا، تېخىمۇ زور ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مەسىلىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت