ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم مۇلازىمىتى چەكلەنگەن

0:00 / 0:00


22 - ئاپرېل كۈنى ئالما شىركىتى بايانات بېرىپ، شىركەتنىڭ خىتايدىكى ئىككى چوڭ مۇلازىمىتى يەنى ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە كىنو مۇلازىمىتىنىڭ توختىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالما شىركىتى مۇلازىمەتنىڭ توختىشىغا «دائىرىلەرنىڭ ئالما شىركىتى تەرىپىدىن سېتىلغان ئېلېكترونلۇق كىتابلار ۋە كىنولارنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلغان كونتروللۇق سەۋەب بولغان» لىقىنى بىلدۈردى. ۋەقەنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19 - ئاپرېل ئېچىلغان مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تور - ئۇچۇر خەتەرلىكى يىغىنىدىن كېيىن يۈز بېرىشى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي بىلەن نىسبەتەن ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئالما شىركىتىنىڭمۇ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلىشى، خىتاي ۋە خەلقئارادا يەنە بىر قېتىملىق مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالما شىركىتى باياناتىدا يېقىن ئارىدا خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خىتايدىكى خېرىدارلىرىنىڭ توردىن كىتاب سېتىۋېلىشى ۋە كىنو فىلىملىرىنى كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇلازىمەتنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

ئۈندىداردىكى «لېڭفېڭ سالونى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنىڭ تاقىلىشىغا 10 - مارت كۈنى خىتاي دۆلەتلىك نەشرىيات، كىنو - تېلېۋىزىيە باش نازارەت ئىشخانىسى بىلەن خىتاي سودا - سانائەت ئۇچۇر مەركىزى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش قائىدىلىرى» دە بەلگىلەنگەن يېڭى نىزاملار سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بەلگىلىمىدە«مۇزىكا، كىنو قاتارلىقلارمۇ تور نەشر بۇيۇملىرىغا تەۋە بولغىنى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئورۇننىڭ ئۆز ئالدىغا كىنو ۋە ناخشا - مۇزىكا پلاستىنكىلىرىنى خىتاي چېگراسى ئىچىدە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك تور باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى چوقۇم خىتاي چېگراسى ئىچىدە بولۇشى كېرەك، چەتئەل شىركەتلىرى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىلا ئاندىن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشسا بولىدۇ» دېيىلگەن.

ۋەقەنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19 - ئاپرېل ئېچىلغان مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تور - ئۇچۇر بىخەتەرلىكى يىغىنىدىن كېيىن يۈز بېرىشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن خۇنەنلىك ئو بياۋ فېڭ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «مېنىڭچە ھۆكۈمەتنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تور مۇلازىمىتىنىڭ توختىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن «خوڭكوڭنىڭ 10 يىلى» ناملىق فىلىمنىڭ iTunes كىنو تورىدىكى تىزىملىكلەر ئارىسىدا بولغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى ھازىر دۆلىتىمىزدە جەمئىيەتكە بولغان نازارەت بارغانچە كۈچەيدى، خەۋەر ۋە توردىكى ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتىنى تاقىۋەتسە ماڭا ئوخشاش iTunes كىنو مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەيدىغانلار ئۈچۈن تەسىرى چوڭ بولمايدۇ، مەن تام ئاتلاش يولى ئارقىلىق گوگۇل، تۋىتېر، يۇتۇپ قاتارلىق چەتئەللەرنىڭ تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرلارنى كۆرىمەن. لېكىن مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى ۋە توردىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرىمەن» دېدى.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن كانادادىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر - ئالاقە مۇتەخەسسىسى ئۆمەرجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنىڭ تاقىلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەرجان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان چەكلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سودا ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئالما شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ خىتايدىكى تور مۇلازىمىتىگە يول قويۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىم بەلكىم ئالما شىركىتىنىڭ كىتاب ۋە كىنو مۇلازىمىتىگە بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى قويغان بولسىمۇ، بەلكىم بىر مەزگىلدىن كېيىن سودا ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى ئۆزى ئېچىش تەلىپىنى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر قامالىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ مېڭىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19 - ئاپرېل ئېچىلغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر يىغىنىدا گەرچە ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قارشى پىكىر ئېقىمىنىڭ كۈچىيىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىنتېرنېت ئۇچۇر كونتروللۇقىنى بارغانچە كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈندىدار سالونى قانۇن سەھىپىسىدە 20 - ئاپرېل تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشتا يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى يانفون يۇمتالى قاتارلىق 9 خىل يانفون يۇمتالىنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرىلغان.

ئېلشات ئەپەندى مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدە توختالدى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرى يوشۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ چەتئەل تاراتقۇلىرى ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئاڭلىتىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.