5-ئىيۇل ۋەقەسىدە 9 ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭمۇ جازالىنىپ مەكتەپتىن ھەيدەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ 2009-يىلى 9 ياشلىق بىر ساۋاقدىشى 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ۋە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە يۇرتى ئاتۇشقا قايتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان 9 ياشلىق ئابلىكىم، 5-ئىيۇل كۈنى ۋېلىسىپىتىنىڭ زەنجىرىنى قولىدا تۇتقان ھالەتتە كۆزىتىش ئاپپاراتىغا چۈشۈپ قالغان؛ بۇ كۆرۈنۈش ئۇنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىغا ئىسپات دەپ قارالغان. بۇ ئۇچۇر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇن ئەپەندى، ئۈرۈمچىنىڭ ئەينى چاغدىكى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، بۇنداق بىر جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقەلەردىن بىرى بولغان 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە 19 ياشلىق خەيرىنىسا ساۋۇت ۋە 18 ياشلىق پەزىلەت ئەكبەرلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى، 17 ياشلىق نۇرۇلئىسلامنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ۋە 17 ياشلىق ئالىم ھېلاجىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى قاتارلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر دۇنياغا ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭمۇ جازالانغانلىقى بىر سىر ئىدى.

بۈگۈن مانا مۇشۇ خىل سىرلاردىن بىرى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى قوۋۇق(بېيمىڭ) دىكى بىر خىتاي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان 9 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئابلىكىم، شۇ 5-ئىيۇل كۈنى دۆڭكۆۋرۈكتە قولىدا ۋېلىسىپىتىنىڭ زەنجىرىنى تۇتقان ھالەتتە كۆزىتىش ئاپپاراتىغا چۈشۈپ قالغان. رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 9-ئايدا مەكتەپكە كەلگەن چېغىدا مەكتەپتە 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە بىر يىغىن ئېچىلغان، يىغىندا ئوقۇغۇچى ئابلىكىمنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەنلىكى ۋە يۇرتىغا قايتۇرۇلغانلىقى ئىبرەتلىك بىر ۋەقە سۈپىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈلگەن.

رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋە ساۋاقداشلىرى ئابلىكىمنىڭ دېلوسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچنەرسە ئاڭلىمىغان.

بىز ئوقۇغۇچى ئابلىكىمنىڭ مەكتەپتىن ھەيدىلىش ۋەقەسى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن شىمالىي قوۋۇقتىكى خىتاي تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلفوننى قوبۇل قىلغۇچىلار چىقمىدى.

بىز ئارقىدىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە، جۈملىدىن مائارىپ ۋە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە ئاساسەن 9 ياشلىق بالىنىڭ مەكتەپتىن ھەيدىلىشتەك بىر جازاغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.