ئانا تىل كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دالا پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەسئۇللىرى كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرىنى مىللىي ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن تەربىيىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلغان ھالدا، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر قالدۇرۇش مەقسىتىدە، يىلدا بىر قانچە قېتىم پائالىيەت تەشكىللەپ، ئۆسمۈر بالىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى كۈچەيتمەكتە.

2015‏-يىلى 24‏-ماي مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان مەركىزىدە تەسىس قىلىنغان «ئانا تىل كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سۇست شەھىرىدىكى بىر ئورمانلىقتا دالا پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۆسمۈرلەر يەنە بىر ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىگە ئىگە بولغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەت مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەپتە ئاخىرلىرى داۋام قىلىۋاتقان مەزكۇر «ئانا تىل كۇرسى» دىكى دىن، مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە تەلىم-تەربىيە دەرسلىرىگە ئىشتىراك قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدا، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.