10-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچىرىشىش» يىغىنى ئېچىلىدۇ

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان تاش
2018.07.20
qerindashlar-uchirishishi-elan بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قېرىنداشلار ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئېلانى
RFA/Arslan

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» يىغىنىنىڭ 10 - نۆۋەتلىكى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىنغا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك  شۇراسى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا ئاساسلىقى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەلقى نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر»، «خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيەسى»، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى»، «ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش»، «كەلگۈسى ئىش پىلانلىرى»، «چىقىش يول خەرىتىسى ۋە چارە - تەدبىرلىرى» توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇلىدىكەن، بەس مۇنازىرە ھەم مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ ئۇچرىشىش يىغىنىغا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى، تەتقىقاتچىلار، دوكتۇر، پروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار، دىنى ئالىملار ۋە زىيالىيلار تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىننىڭ تەييارلىق باسقۇچى مۇناسىۋىتى بىلەن 7 - ئاينىڭ 20- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى بىر يىغىن ئېچىپ، 10 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىننىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، يىغىن تەرتىپلىرى، ئامانلىق تەدبىرلىرى، مېھمانلارنى كۈتۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نوقتىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىن، 7- ئاينىڭ 22- كۈنى يەكشەنبە سائەت 10:00 - 14:00 ئارىسى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ئەلى ئامىرى كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىدىكەن.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ قېتىمقى يىغىندا، «مىللىي كىملىك ۋە مىللىي بىرلىكنىڭ ئەھمىيىتى»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى»، «ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئورنى» قاتارلىق 10 تېمىدا مۇتەخەسىسلەر سۆز قىلىدىكەن ۋە بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بىز بۇ يىغىننىڭ ئېچلىشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز يەنە بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۇستىرالىيەدىن بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن  كەلگەن  دىنىي ئەرباب  ئابدۇسالام ئالىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇسالام ئالىم بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.