خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويغان قوش تىل مائارىپى بويىچە تەربىيىلىگەن ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئالدى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈردى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەتكە قېقىش بىلەن بىرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق ئاتالغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلارنىڭ دىلى، تىلى، ئەقلى، پسىخىكىسى ۋە باشقا جەھەتلىرىدە پەيدا قىلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرى ئاتا- ئانا ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە. ئەمما، رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر قىزى يۇلتۇز، مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىل مائارىپىنىڭ، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىدە زور بېسىم ۋە خورلۇق كەمسىتىش جاراھەتلىرىنى قالدۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشتەك ئويغىنىشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىدەك باشقىچە تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى.
مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىغا قارشى ئىسيانكار روھتا يېتىلگەن بۇ ياش ئۇيغۇر قىزى بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر.