تۈركىيەنىڭ 2018-يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىي باشلاندى
2018.04.16
تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلانغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2018-يىللىق تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش 4-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي باشلاندى.
مەزكۇر ئىلتىماس قىلىش 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا چەتئەلدىكى خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن كىملەرنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى، 2018-يىلى 24-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.
مەزكۇر تور بېتىدىكى ئېلاندا دېيىلىشىچە، باكالاۋرلىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە شەرتلەرنى تەييارلىشى كېرەك؟ مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دىلنۇر قەشقىرى خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
دىلنۇر قەشقىرى خانىم تۈركىيە دۆلىتى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان بۇ ئوقۇش پۇلىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. مەزكۇر ئىدارىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېلانى ۋە دىلنۇر قەشقىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق ئوقۇش مۇكاپاتى 700 تۈرك لىراسى، يەنى تەخمىنەن 180 ئامېرىكا دوللىرى ۋە بىر يىل تۈركچە ئۆگىنىش ھەقسىز بولىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان پولات ئەپەندى ھازىر مىسىردىن ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەردىن كېلىپ تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى كۈتۈۋاتقان كۆپ ساندا ئوقۇغۇچى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرتى توشقانلارنىڭ بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھازىر كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان سۇبىنۇر ئۆمەر تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ياخشى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تۈركچە ئۇيغۇرچىغا يېقىن بولغاچقا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنىڭ ئاسانلىقىنى، 700 تۈرك لىراسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ئايلىق تۇرمۇشقا يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
2017-يىلى تۈركىيەدە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇشقا 192 دۆلەتتىن 100 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن تەلەپكە لايىق بولغان 7 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.
ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئاساسلانغاندا بۇ يىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر دىيارىدىن بىۋاسىتە كېلەلمەيدىكەن.
تۈركىيەدە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش سىياسىتى 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 500 ئەتراپىدا ئىكەن.